• نوئمان ئىبنى سابىت ئىبنى زۇتى ئەل فارىسى ھىجرىيەنىڭ 80 (مىلادىيەنىڭ 699 ) - يىلى(ئىراقنىڭ) كۇفە شەھىرىدە پارس ئىرقىدىن بولغان ئافغانىستانلىق سۆدىگەر ئائىلىسدە تۇغۇلغان بۇلۇپ ئىسلام تارىخچىلىرنىڭ قارشىچە ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دادىسى سابىتنىڭ نەسەبى ساھابىلەردىن سالمان ئەل فارىسقا تۇتىشىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندۇ. ئەبۇ ھەنىپەنىڭ دادىسى سابىت كۇفە شەھىرىدىكى بىر ئىسلام ئۆگنىش مەركىزىدە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ بىلەن كۆرۈشكەن. ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ سابىتقا دۇئا قىلغان ئىدى. ئەبۇ ھەنىفە ئىلىمنىڭ كامالىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا ئىمام ئەززەم ( قالتس ئىمام) دەپ ئاتالغاندۇر.

  • ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل
    ئۇ بولسا ئىبنى ھەنبەل نامى بىلەن تۇنۇلغان ئەبۇ ئابدۇللاھ ،ئەھمەد بىن مۇھەممەد بىن ھەنبەل ئەششەيبانىدۇر. ئۇ نامى مەشھۇر بولغان فىقھى ،ھەدىس تەتتىقاتى ئالىمى. شۇنداقلا تۆت فىقھى ئىمامنىڭ بىرى. ئىمام ئەھمەد ھىجىريە 164-يىلى رەببىيۇل ئەۋۋەل ئېيىدا باغدادتا تۇغۇلغان .ئۇ ھەدىس ،فىقھى ۋە باشقا ئىسلام بىلىملىرىنى باغدادتا ئۆگەنگەن،ئاندىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ئۈچۈن شام ۋە ھىجازلارغا بارغان. ئۇ ئەل مەئمۇن بىن ھارۇن ئەررەشىد ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە، مۇئتەزىلەر تەرىپىدىن چىقىرىلغان قۇرئان مەخلۇق دىگەن بىدئەت ئەقىدىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆپ ئەزىيەتەلەرنى چەككەن

  • ئەللامە ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى فىقھى ساھەسىدە چاقنىغان تۆت يۇلتۇز- ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەللەرنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئابباس ئىبنى ئوسمان ئىبنى شافىئ ئىبنى سائىب ئىبنى ئۇبەيد ئىبنى ئەبدۇيەزىد ئىبنى ھاشىم ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىپ ئىبنى ئابدۇمانافتۇر. ئۇ ھىجرىيە 150-يىلى پەلەستىن زېمىنىدىكى غەززەدە دۇنياغا كەلگەن

  • نەپلە روزا تۇتۇش ياخشى بولغان كۈنلەر تۆۋەندىكىدەك :
    1- ئەرەفات كۈنى يەنى زۇلھەججە ئېيى (ھىجرىيە 12- ئاي) نىڭ 9- كۈنى. بۇ كۈندە ھەجگە بارمىغان يەنى ئەرەپاتتا تۇرۇش ئىبادىتىنى ئادا قىلىۋاتىمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى ياخشى ئىشتۇر.
    ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرۇلۇق سورالغاندا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن:
    «ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش ئۆتكەن يىلىدىكى ۋە كېلىدىغان يىلدىكى گۇناھلارغا كەففارەت بولىدۇ»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

  • ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفە فىقھى ساھەسىدە چاقنىغان تۆت يۇلتۇز- ئەبۇ ھەنىيفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەللەرنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ دەسلەپتە تۇغۇلغان، ئەڭ دەسلەپتە ۋاپات بولغان كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفە شەنى تۆۋەن ، ئورنى ئاجىز ئادەم ئەمەس؛ ئۇ كۆپ تەرەپلىمە ئۇتۇق قازانغان شەخس

  • پەيغەمبەرسەلەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەم(ئاللاھنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىنئاملىرى ۋە مەرھەممەتلىرى ئۇنىڭغابولسۇن)،ھەرقايسىمىز مەيلى ئەھلى ئىلىم بولايلى ياكى ئەھلى ئىلىم بولمايلى ئىسلام دىنىدىن خەۋىرىمىز بارمۇ يوقمۇ(لائىلاھەئىللەللامۇھەممەدەن رەسۇلىللا)دەپ چىن كۆڭلىدىن بۇكەلىمىنى ئيتپ ئىمان ئىيىتقان بولساق،پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىنى بىلىش تولىمۇ زۆرۈر،تۆۋەندىكىسى ئۇستاز مۇھەممد ھەسساننىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا سۆزلىگەن نوتۇقى،كۆرۈپ باققايسىلەر

  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئاق كەپتەر بلوگىدىكى قېرىنداشلار بۇگۇن تور ئارلاۋېتىپ مۇنۇ (جان مۇھىممۇ؟ ناماز مۇھىممۇ؟) دىگەن قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم . كۆرۈپ تاس قالدىم يىغلاپ تاشلىغىلى .شۇنداقلا .ئۇشبۇ قىسقا فىلىمنى قېرىنداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن ئالغاچ ئەكەلدىم،كۆرۈپ سىلەر نىمىنى چۇشەندىڭلار؟

  • جانابىي ئاللاھقا چىن قەلبى بىلەن دۇئا قىلىپ ياردەم تىلىگەن بىر ياخشى ئايالنىڭ كەچۈرمىشىنى كۆرۈپ باققايسىلەر....
    دېمەككى، بۇ دۇنيا ئىمتىھان دۇنياسى. شۇڭا ئاللاھقا چىن قەلبى بىلەن باغلانغان، ھەر قانداق ئىشتا ئاللاھتىن مەدەت ، ياردەم تىلىگەن كىشى بىر تەرەپتىن بۇ دۇنيادا توغرا يول بىلەن ياشىيالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئىمانلىق بولۇپ ئاخىرەتلىك ھاياتىنىڭ جەننەتلىك بولۇش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  • قۇرئان كەرىمدە، "ھىجاپ" ئاتالغۇسى ئۇمۇمى ھالدا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ تاشقى كىيىملىرىگە ئىشلىتىلگەن. ئۇ يەنە ئاياللارنىڭ ھاياتتىكى پائالىيەت ۋە ھالەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، "ھىجاپ"- باش ۋە كۆكرەكنى يۆگەيدىغان ياغلىق ۋە چۈمبەلگە قارىتىلىدۇ.

    "ھىجاپ"- ئەرەپ تىلىدىكى "ھەجەبە" سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، "يوشۇرۇش ياكى كۆرىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش" دېگەن مەنىدە.

  • ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى مۇسلىم بىن ھەججاج بىن مۇسلىم قۇشەيرىي، نىساپورىي ئەبۇل ھۇسەيىن . ئۇ ئاساسلىق ھەدىيسشۇناسلارنىڭ بىرى ھەمدە ئەڭ بىلىملىكلەرنىڭ بىرى . ئۇ ئىمام شافىئىي ۋاپات بولغان كۈندە، ھ 204-يىلى نىساپوردا تۇغۇلغان . ئۇ نىساپوردا ئوقۇغان ، ھەمدە چوڭ بولغاندا ھەدىيس ئۆگىنىش ئۈچۈن ئېراق ۋە ھىجاز سەپەر قىلغان . ئۇ نۇرغۇن پېشىۋالاردىن ھەدىيسلەر ئاڭلىغان ھەمدە نۇرغۇن ھەدىيشۇناسلار ئۇنىڭدىن ھەدىيس نەقىل قىلغان . ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق كىتابى - ئۇنىڭ [سەھىيھۇل مۇسلىم ] كىتابى